«ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم» ناملىق بۇ ئەسەردە، دىنسىزلىق، دۇنياپەرەسلىك ھۆكۈم سۇرگەن، سكولارىزىم ھەركىتى ئەۋىج ئىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ ماھېيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتۈن ئىشلارغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
Author: مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەبۇ پارىس
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئۆمەر مۇھسىن - ئۆمەر مۇھسىن
«بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن، دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، ئىبادەت ۋەياكى ساۋاپ بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم بىلەن، جەمئىيىتىمىزدە بۇگۇنكى قەدەر داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى بەزى بىر ناشايان ئىشلارغا شەرىئەتنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىغىمۇ يەر بېرىلگەن. ئىسلامدا سۈننەتنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمېيىتى قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.
Author: قارچۇغا
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: http://www.munber.org
ھەقىقەتنىڭ ئېلانى, ناملىق بۇ كىتاب مۇندىن يۈز يىل ئىلگىرى ھىندۇستانلىق ئالىم رەھمەتۇللاھ ھىندىي دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان 4 توملۇق كىتاب بولۇپ، تەۋرات ، ئىنجىل ۋە قۇرئان ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ، يەھۇدىي ۋە خرىستىئان مۇرتلىرىنىڭ سەپسەتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى كىتابلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاب كېيىنچە 1تومغا قىسقارتىلغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەنە شۇ قىسقارتىلغان ئاخىرقى نۇسخىسىغا ئاساسەن ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ژورنالىست مۇھەممەد يۇسۇپ ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.
Author: شەيىخ رەھمەتۇللاھ ھىندۈستانى - مۇھەممەد ئەھمەد مەلكاۋى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
-
Source: http://www.islamhouse.com/p/2296
«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
Author: مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئەبۇ ئالىيە
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org